مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستىمالىق زۇلۈم ۋە ئىشكەنجەسى، 5- ئيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كەيىن ئىزچىل چوڭقۇرلاغان ۋە ئۇيغۇر جەمىيەتىنىڭ پۈتۈن قاتلاملارىنىڭ ھەر ساھەسىنى  قاپلاغان ۋە ئۇيغۇرلار «ئاشكارا دۈشمەن» مىللەت قىلىپ بەكىتىلگەن. بۇ جەرىياندا چىگرا ئىچى ۋە سىرتىداكى ئۇيغۇرلارغا «ئاشقۇن، تېرورىست، رادىكال بۆلگۈنچى» قالپاقىنى كەيدۈرۈشنىڭ پۈتۈن تەييارلىقىنى تاماملاغان خىتتاي كومپارتىيەسى، ئالدىن يازىلغان سىناريوغا بىنائەن تاللاغان ئەرتىستلەرىنى سەھنەدە رول ئالدۇرۇشقا باشلاغان. بۇ جەرىياندا چەتئەللەردەكى كۈچلۈك لوبىچىلىقى بىلەن مول ئىقتىسادى ئاساسقا تايانغان مەديا ئارمىيەسى خۇسۇسەن تۈرك ۋە ئىسلام ئالەمىدە ئۇيغۇرلارنى قارالاش تەشۋىقاتىنى پلانلىق ۋە ستراتىگىيەلىك ھالدا ئوڭۇشلۇق يۈرۈتكەن. بۇ ئەللەردەكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچى يەرلىك سىياسىي كۈچلەرنى، (ئەمدىلىكتە) ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان كۈرەشىنى قوللاماس قىلىش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك، يوشۇرۇن تېرورىست، ئاشقۇن خەلق» ئىكەنلىكىگە تامامەن ئىشەندۈرەلمەگەن بولسامۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا سۇئال ئىشارەتلەرىنى پەيدا قىلدى. ئىستانبۇلداكى «رەينا قەتلىئامى» يۈز بەرگەندە تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ تەخى ساقچى ۋە سوت ئورۇنلارى جىنايەت گۇماندارىنى تولۇق بەكىتمەگەن چاغدا، گويا بىر يەردىن بۇيرۇق ئالغاندەكلا تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تېلېۋىزورىدا «جىنايەت گۇماندارى ئۇيغۇر» دەپ دۇنياغا جاكارلادى. كەيىنچە ئۇيغۇر ئەمەسلىكى بىلىنگەندە، خەلقىمىزدىن بىر «كەچۈرۈم سورمادى» ۋەيا تۈركىيەدەكى دەرنەكچىلەر بۇ تەلەپنى كۈچلۈك تەلەپ قىلمادى ۋەيا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى قىلالمادى...

تۈرك-ئىسلام مەسىلەلەرىدە ناھايەتى سەزگۈر بولغان تۈركىيەدەك موھىم بىر دەۋلەتنىمۇ ئۆزى بىلەن ستراتىگىيەلىك مۇناسىۋەت قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان خىتتاي، بۇ مۇناسىۋەتنى «خىتتاي مەركەزلىك» قىلىشتامۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. خىتتاي تەتقىقاتىغا ۋە خىتتاينى چۈشەنىشكە ئەھمىيەت بەرمەگەن تۈركىيەگە ئوخشاش دەۋلەتلەر، ئاقىبەتتە خىتتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرىنىڭ ھەممەسىدە، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىدە، تامامەن خىتتاينىڭ ئويۇنىغا، خىتتاي سىزغان سىزىققا كەلدى. ھەتتا خىتتاينىڭ قۇلاقىغا خۇش كەلىدىغان جۈملە قۇرۇشنى بىر مەرىپەت، مۇۋەپپەقىيەت دەيدىغان تۈركىيەلىك مىنىستىرلار،سىياسەتچىلەر، بيوكراتلار كۆپەيدى. 2017-يىلىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈرك مىللەتىنىڭ «نومۇسى» دەيدىغان مىللەتچى ھەرەكەت پارتىيەسىمۇ بۇ قەدەر قىرغىننى كۆرمەسكە سالىدىغان ھالغا كەلدى. بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئىشىكى ئوچۇق بولغان بۇ پارتىيە، كەيىنكى بىرقانچە يىلدىن بەرى ئىشىكىنى ئۇيغۇرلارغا تاقادى. ئەلبەتتە بۇ يەردە ئاق پارتىيەنىڭ ستراتىگىيە ئورۇنلارىدا ئىشلەگەن، ئۇلاردىن مائاش ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەرىياندا قانداق رول ئويناغانلىقىنى، بۇ پارتىيە بىلەن ئاپاق-چاپاق بولغان ئاكتىۋىست ۋە دەرنەكچىلەرنىڭ قانداق تەلەپ ۋە تەكلىپلەردە بولغانلىقىنى ۋەياكى قانداق ۋەزىپە ۋە روللارنى ئالغانلىقىنىمۇ چوقۇم سۈرۈشتە قىلىش، تەتقىق قىلىش شەرتتۇر. شۇنداقلا، تۈركىيەدە بۇ قەدەر كۆپ شەرقىي تۈركىستانلىق نوپۇس تۇرۇپمۇ تۈرك سىياسەتىدە ئۆزىنىڭ ۋەكىللەرىنى چىقار(ال)ماغانلىقىدەك ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ھەم سۈرۈشتە قىلىش كەرەك.

مانا مۇشۇنداق ئارقا پلان ۋە ئالدى پلاندا، ھەممە ئىشلەرىنى رەتكە سالغان خىتتاي، ئۇيغۇرلار ئۈستىدەكى ئاسسىمىلاتسىيە، يوق قىلىش سىياسەتلەرىدەكى تەجىرىبە-ساۋاقلارىنى يەكۈنلەگەن ئاساستا، 2016-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلارىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەرتكەن قولى تىبەتلىكلەرنىڭ قانى بىلەن بۇلغانغان فاشىست چېن چۈەنگو بىلەن 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان قانلىق لاگىر ستراتىگىيەسىنىڭ ئىجراسىغا باشلادى. ۋەتەنىمىزدە قۇرغان يۈزلەرچە لاگىرلارغا ئۇيغۇر ۋە قازاق جەمىيەتىدەكى كۆزگە كۆرۈنگەن، مىللىيلىقى، خاسلىقى، تىركەشىش ئىھتىماللىقى بولغان مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەرلەردىن تەشكىل تاپقان مىليونلارچە شەرقىي تۈركىستانلىقنى تۇتقۇن قىلىپ سولادى. تاشقىرىدا قالغانلارنىڭ قاتتىق مىڭە يۇيۇش، ئاغىر ئىشلاردا مەجبۇرى ئىشلەتىشكە زورلانغانلىقى مەلۇم بولدى. لاگىر شاھىتلەرى بىلەن ۋەتەندىن خەۋەر ئالغانلارغا قاراغاندا، ئۇيغۇرلارغا ئىشكەنجە، مىڭە يۇيۇش،باسقۇنچىلىق، قىسىرلاشتۇرۇش، تىببىي سىناق، ئورگان ئوغۇرلىقى...قاتارلىق نورمال كىشىلەر ئاڭلاغاندا ھۇشىدىن كەتكۈدەك رەھىمسىز، ئىنسان قالىپىدىن چىققان زۇلۇملارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ۋەتەندىن تىك توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقالىق  يوللانغان سىگناللار ۋە ئۇچۇرلار بۇ قورقۇنچلۇق رىئاللىقنى بىر بىر توغرالاماقتا ئىدى.

مانا مۇشۇ جەرىيانلار داۋام قىلىۋاتقاندا، خىتتاي لاگىرىدىن قازاقىستان دەۋلەتىنىڭ ياردىمىدە قۇرتۇلۇپ چىققان ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق گراژدانى ئۆمەر بەكئالى خىتتاينىڭ ۋە خىتتايپەرەست غالچالارنىڭ ئويۇنىنى بۇزدى. خىتتاي ئىنكار قىلىپ كەلگەن لاگىر ۋە لاگىر ئىچىدەكى ئەھۋاللارنى غەرپ مەتبۇئاتىغا ئاشكارا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنىڭ غەرپ دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلىشى، كىشىلىك ھوقۇق، خىتتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول ستراتىگىيەسى يادرولۇقىدىكى يەر شارى خاراكتىرلىق زومىگەرلىك بەتنىيەتىگە قاراتا ئەنسىرەش ۋە ئامېرىكا-خىتتاي تىجارەت ئۇرۇشى قاتارلىق ھادىسەلەر ئەتراپىدا تەخىمۇ جانلاندى.  ھەتتا ئامېرىكا-خىتتاي توقۇنۇشىدا موھىم بىر ھالقاغا ئايلاندى. لاگىر پاجىئەسى ۋە چەتئەللەردەكى شەرقىي تۈركىستان كۈرەشىدەمۇ ياڭى بىر سەھىپە ئاچىلدى. خىتتاي لاگىرلارىدىن قۇرتۇلغان چەتئەل گراژدانى بولغان ئۇيغۇر، قازاقلار ئىچىدەكى جەسۇر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە ۋە غەرپ مەدياسىغا بەرگەن گۇۋاھلىقلارى بىر تەرەپتىن خىتتاي يالغانچىلىقىنى ۋە ئەپتى بەشىرەسىنى ئاچقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەخىچە دەلىغۇللۇق ئىچىدە تۇرغان نۇرغۇن كىشىلەرگە جاسارەت بەردى. يەنە بىر قىسىم لاگىردىن قۇتۇلۇپ چىققان، تۈركىيەدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان ۋە يەرلىك بىرى بىلەن تويلاشقان مىھرىبان تۇرسۇنغا ئوخشاش دىپلومالىق ئۇيغۇر زىيالىيلارى ئۈرۈمچىدە ياشاغان كۆرگەنلەرىنى، لاگىر ھەققىدە بىلگەنلەرىنى ئەركىن دۇنيا بىلەن ھەمبەھر بولماي ئىچىگە يۇتقان، گۇۋاھلىق بەرمەگەنلىكى ھەم مەلۇم. تۈركىيەدە مائاش ئالىپ ئىشلەۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ 2019-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ «تۇغقان يوقلاپ» كەلگەنلىكىنى ئۆز ئاغزىدىن ئىشىتتىم. بۇ «ئۇيغۇر زىيالى» كۆرگەن ۋە بىلگەنلەرى ھەققىدە تەخىچە ئاشكارا سۆزلەگەنى يوق...

لاگىرلاردىن كەلگەن قورقۇنچ خەۋەرلەر بىۋاسىتە تۇغقانلارى ۋە ياقىنلارى لاگىرلارغا سولانغانلارنىڭ چەتئەللەردەكى ياقىنلارى بىر بىرلەپ گۇۋاھلىق بەرىشكە باشلادى. باشلانغۇچتا قازاقىستان دەۋلەتىنىڭ ئاسترىتتىن يول قويۇشى بىلەن ئاتايۇرت قازاق كشىلىك ھوقۇق جەمىيەتى لاگىر دەرتمەنى قازاقلارنى تەشكىللەپ تۈركۈم تۈركۈم گۇۋاھلىق بەرگۈزدى. كەيىن نۇرغۇنلاغان لاگىر دەرتمەنى ئۇيغۇرلارمۇ ئارقا ئارقادىن گۇۋاھلىق بەرگەلى تۇردى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ دادىل ئوتتۇراغا چىقىشى ۋە سان جەھەتتىن ئاشىشى خەلقئارا مەديانىڭ موھىم ئوبيىكتىغا ئايلاندى. بۇ گۇۋاھلىقلار غەرپتەكى سىياسەتچىلەرنىڭ قولىنى كۈچلەندۈردى.

 بۇ يەردە، شۇنىمۇ تەكىتلەمەي بولمايدۇ: توختىماي دەرنەك شاخلاتىدىغان دەرنەك مەسئۇللىرىغا ئۆز ۋاقتىدا بىر شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەرنەكىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە بەرگەن دوستانە تەكلىپلەرىمىزگە پىسەنت قىلماغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويغا سالادۇر. ۋاقىت خەلىلا ئۆتۈپ كەتكەندىن كەيىن قۇرۇلغانلىقىنى (2020) ئىشىتتۇق. بۇنداق دەرنەكلەردە قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن، خىتتاي، تۈرك ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردىن خەۋەردار لاياقەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئالىنغان ئالىنماغانلىقى بولسا ئايرىم مەسەلە. چۈنكى، بۇ دەرنەك شەرقىي تۈركىستانداكى، دىئاسپوراداكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچ كەلگەن ۋە كەلىۋاتقان ھەق-ھوقۇق  دەپسەندەچىلىكىنى خەلقئارا جەمىيەتكە ئاشكارالايدىغان، خەلقئارا ئۆلچەملەرگە بىنائەن دوكلات ۋە باشقا ماتېرىياللار تەمىنلەيدىغان موھىم بىر ئورگاندۇر.

بۇ يەردە چەتئەللەردەكى لاگىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراغۇچىلار بىلەن ئالاقەدار ئىككى ئۇقۇمغا ئىزاھات بەرەيلى:

بىرىنجىسى لاگىر شاھىتلەرى: بۇلار بىۋاسىتە لاگىرغا سولانغان، ئاساسەن چەتئەل پۇقرالىقى بولغان ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاقلاردۇر. ئۇلار لاگىردا بىۋاسىتە كۆرگەنلەرى، ياشاغان تراگىدىيەلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەردۇر. لاگىردىن قۇرتۇلغانلار «چەتئەللىك» بولغانلىقى تۈپەيلى «خىتتاي پۇقراسى» شەرقىي تۈركىستانلىقلاردەك ئاغىر زۇلۇم، ئىشكەنجە ۋە تىببى سىناقلارغا، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا بىز بىلمەيدىغان خىتتاي ئىشكەنجىسىگە دۇچ كەلمەگەنلەردۇر. مەنىڭ ئىنىمغا ئوخشاش لاگىردا زۇلۇم، ئىشكەنجە ۋە تىببى سىناقلار بىلەن يارىم ئۆلۈك ۋە تامامەن پالەچ قىلىنغانلاردىن چەتئەللەرگە چىققانلارنى ئاڭلامادۇق. بۇ ئىنىمنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ داۋالاتىش تەلەپىم تۈرك دەۋلەتى تەرەپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسامۇ، خىتتاي چىقىشىغا رۇخسەت قىلمادى. بىلىشىمچە، خىتتاي پۇقرالىقىداكى لاگىرغا سولانىپ زۇلۇم ئىشكەنجە كۆرگەنلەرنىڭ تەخىچە ئەركىن دۇنياغا چىقماغانلىقى ۋەيا چىققان بولسامۇ  مىھرىبان تۇرسۇنغا ئوخشاش دىپلومالىق ئۇيغۇر زىيالىيلارى ئۈرۈمچىدە ياشاغان كۆرگەنلەرىنى، لاگىر ھەققىدە بىلگەنلەرىنى ئەركىن دۇنيا بىلەن ھەمبەھرلەنمەدى. 

ئىككىنجىسى لاگىر دەرتمەنلەرى،بۇلار ئاساسەن چەتئەللەردە ئوقۇش، خىزمەت، تىجارەت ياكى سىياسىي پاناھلىق بىلەن ياشاۋاتقان كەيىنكى 20 يىلدا چەتئەللەرگە چىققان، ۋەتەندە بىۋاسىتە ئۇرۇق تۇغقانلارى بار بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىمىسىنىڭ ئەرلەرى، ياكى خانىملارى، بالا-پەرزەنتلەرى، كىمىسىنىڭ ئاكا-ئۇكا  قارىنداشلارى، دوست-يار بۇرادەرلەرى  ۋەتەندەدۇر. بۇ كىشىلەر ھەرخىل قاناللاردىن بىگۇناھ ياقىنلارىنىڭ لاگىرغا سولانغانلىقىنى، تۈرمەگە تىقىلغانلىقىنى ياكى قۇل ئىشچى قىلىنىپ ئىشلەتىلىۋاتقانلىقىنى ۋەياكى ئۆلتۈرۈلگەن،پالەچ قىلىنغان...خەۋەرلەرىنى ئىشىتكەندىن كەيىن ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە ئۇلار ئۈچۈن دەرتلەنگەن، ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىش كويىدا تىپىرلاۋاتقان كىشىلەردۇر.

لاگىر شاھىتلارى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرىنىڭ گۇۋاھلىق بەرىش ئارقالىق شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىدا مۇئەييەن بىر گۇرۇپپا ۋە كۈچ بولۇپ ئوتتۇراغا چىقىشى بىر تەرەپتىن خىتتاينى ۋە خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدەكى تاسمالىق ئىتلارىنى ئالاقزادە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەرەققىي قىلماسلىق ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان ستاتۈكوچى دەرنەكچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ يانداشلارىنى ھەم بىئارام قىلغانلىقى ئۇلار تەرەپىدىن قىلىنغان، تارقاتىلغان كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدىغان ئۆسەك گەپ سۆزلەردىن مەلۇمدۇر.

مەن ئۆزۈم بىۋاسىتە شاھىت بولغان مۇنداق بىر ئىش تەخىچە ئەسىمدە تۇرۇپتۇ: ئۆمەر بەكئالىنىڭ ئايالىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى توسالغۇغا ئۇچراپ ئىستانبۇل ئايدۇرماسىدا توختاپ قالغاندا، مەنمۇ دەۋلەت ئىچىدەكى موھىم تونۇش، بىلىشلەرىم ۋە بيوروكرات ئوقۇغۇچىلارىمنى ھەرەكەتلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ساق سالامەت تۈرك چىگراسىدىن كىرىشىگە مۇئەييەن دەرەجەدە سەۋەپچى بولغانلىقىم تۈپەيلى ئۆمەر بەكئالى بەگ بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەتىمىز بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ غەرپ مەدياسىغا بەرگەن جەسۇر مۇلاقاتلارى ۋە مەلۇماتلارىنىڭ چوڭ تەسىرى ھەممەمىزگە مەلۇملۇق. بۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ تۈرك مەدياسىغا ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە گۇۋاھلىق بەرىشىنىڭ نە قەدەر موھىملىقىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن تىپىرلادىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىنىڭ باشلارىدا بولۇشى كەرەك، ئىستانبۇلدا مەلۇم بىر دەرنەك باشقانىغا ئۆمەر بەكئالىنى ۋە ئابدۇراخمان ھەسەننى قوللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ نىمە ئۈچۈن سەھنەگە چىقارىلماغانلىقىنى سوراغانىمدا، ماڭا: «مۇئەللىم، بۇلارنىڭ دەردى مەشھۇر بولۇش ئىكەن، ئۆزلەرىنى پارقىراتماقچىكەن»... ھاڭ تاڭ قالغان ھالدا، چۈشەندۈردۈم، ئىزاھلادىم. ھەتتا لاگىر  شاھىتلارى ۋە دەرتمەنلەرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان، بۇلار تەمىنلەگەن ماتىرىياللارنى دىجىتاللاشتۇرۇپ ئارخىپ تۇرغۇزۇشنىڭ موھىملىقىنى ئاتايۇرت قازاق كىشىلىك ھوقۇق دەرنەكى ئۆرنەكىدە بىر دەرنەك قۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى چۈشەندۈردۈم...

كەمىنە پەقىر قولۇمدىن كەلىشىچە، ئۆمەر بەكئالىنىڭ تۈرك مەدياسىدا ۋە ھەرخىل كونفېرانسلاردا گۇۋاھلىق بەرىشىنى ۋە ياشاغانلارىنى ئۆز ئاغزىدا تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتىشىغا ياردەم قىلدىم. تەسىرى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. كەيىنكى ۋاقىتلاردا تۈركىيەدە ئىزچىل تۇرۇشقا كۆزى يەتمەگەن ئۆمەر بەگمۇ گوللاندىيەگە كەتتى. ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندىمۇ ياپونىيەگە كەتتى.

كۈنىمىزدە، تۈركىيەدە ئوقۇغان بىر تۈركۈم ياشلار ئائىلەسىنىڭ ئىز دەرەكىنى قىلىپ تۋىتتىر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنتايىن ئاكتىپ بولماقتا. ئۇلار تۈركىيە تۈركچەسىگە پۇختا بولۇش بىلەن بىرگە، خىتتاي ۋە ئىنگىلىز تىللارىغا ھەم ماھىر ياشلار بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركچە، ئىنگىلىزچە مەديالارنىڭمۇ جىددىي دىققەتىنى تارتىپ كەلدى. شۇنداقلا داڭلىق سەنئەتچىلەرنىڭ، مەديا ئوبزورچىلارىنىڭ ۋە زىيالىيلارنىڭ قوللاشىغا ئەرىشتى. مۇشۇنداق بولۇشىغا قاراماي بەزى كونسىرۋاتىپ دەرنەكچىلەرنىڭ  بۇ بالالارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەرپەدىغان، قىلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە بۇرمۇلايدىغان ئۆسەك سۆزلەرنى قىلغانلىقى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغۇسىزدۇر. ئۇنىۋېرسىتىت ۋە ھەرخىل ئىدارە ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان مائاشلىق ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچەسىنىڭ بۇ ياشلارنى ئاكتىپ قوللاماغانلىقى بولسا، ئايرىم بىر تراگىدىيەدۇر. ئۇچۇر ئالاقە يۈكسەك سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان، دىجىتال مەديا ۋە دىجىتال تاراتقۇلار شۇنچە تەرەققىي قىلغان كۈنىمىزدە تۈركىيەدەكى خەلى كۆپسانلىق ئۇيغۇر مائاشلىقلارنىڭ تۋىتتىردا ئاشكارا ھىسابىنىڭ يوقلۇقى بولسا كىشىنى ھەقىقەتەن مەيۈسلەندۈرىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. ئەلبەتتە، ھەركىم ئۆزىگە ياراشقاننى قىلۇر...بۇ مۆھتەرەملەر مەۋجۇت كاللا ۋە زىھنىيەتى بىلەن ۋەتەندەكى ئازاپ ئوقۇبەتنى بىۋاسىتە ھىس قىلىپ ياشاۋاتقان بۇ جەسۇر يىگىتلەر بىلەن يىگىت سۈپەت خانىم قىزلارنى چۈشەنىشى ھەقىقەتەن ئىمكانسىزدۇر. بۇ ياش لاگىر دەرتمەنلەرى قانات يايدۇرىۋاتقان تەسىرى كۈچلۈك بولغان تىنچلىقپەرۋەر، ئىنسانىي قارشىلىق كۆرسەتىش ھەرىكەتىگە تۈركىيەدە «ماغدۇر ھەرەكەتى» دەيدۇ. بۇنداق ھەرەكەتنىڭ خۇسۇسەن ئوقۇمۇشلۇقلار، ئاق ياقالىقلار ئاراسىدا تەسىرى ناھايەتى چوڭ بولىدۇ. تۈركىيەدە ھەم شۇنداق بولماقتا.

ئەمەلىيەتتە بۇ يىگىتلەر ۋە يىگىت سۈپەت خانىم قىزلار، گوللاندىيەدەكى ئابدۇررەھىم غەنىدىن كەيىن مىللىي كۈرەشىمىزدە بىر چىغىر ئاچتى. شۇنداق بولغان ئىكەن، مىللىي كۈرەش سەپىدەكى ھەر ساھە زاتلارى، گۇرۇھلار ئۇلارنى ئاشكا بولماسىمۇ ئاسترىتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشى كەرەك ئىكەن، بەزى گۇرۇھلارنىڭ ئۇلارغا ئورۇنسىز، بىر بىرىدىن غەلىتە سۆزلەرنى قىلىشى ئەشيانىڭ تەبىئەتىگە زىتتۇر. ئۇلار تەرەپىدىن قىلىنغان « گۇۋاھلىق بەرگەن يەرلەردە نىمىشقا بايراق يوق؟»، «نېمىشقا بايراق كۆتۈرۈشمەدىڭ» دەيىشكەن بولسا، يەنە بەزىلەرى «دەرنەكلەرنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشمادى»، «ئۆز باشىمچىلىق قىلىشتى»، ھەتتا چاكىنا بىرىلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن «مەشھۇر بولۇش كويىدا...» دەيىشى بولسا باشقا بىر تراگىدىيەدۇر.

كەمىنە پەقىرمۇ، ئەنە شۇ لاگىر دەرتمەنلەرىدىن بىرى ۋە بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچراغان  بىر ئائىلەنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ لاگىر دەرتمەنلەرىنى نىسبەتەن ياخشى چۈشىنىمەن. شۇڭا بۇ دەرتمەن ياشلارنىڭ كۆپىنچەسى بىلەن ياقىندان ئالاقەم بار. بۇ يىگىتلەر بەرىۋاتقان گۇۋاھلىق ياكى مەدياداكى ئاكتىپ پائالىيەتلەرىنى ۋاقىت تاپساملا تەقىپ قىلىپ تۇرىمەن ۋە ئاكتىپ قوللاپ، ئاۋاز قوشۇپ كەلدىم . ئۇلارنىڭ ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىداكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا ئەنقەرەدەكى موھىم بىر يىغىنىم تۈپەيلى قاتناشالمادىم. تەقسىم مەيدانىدا لاگىرداكى ياقىنلارىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكا كەيگەنلىكى ئۈچۈن ئىستانبۇل ساقچى دائىرەلەرىنىڭ  قىلغان يۈزسىز قىلمىشى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى بەكلا يارىم قىلغان ئىدى. بىزلەر كۈنىمىزدەكى ئەڭ كۈچلۈك تەشۋىقات ۋە تەسىرلەشىش مۇنبەرى بولغان تۋىتتىردا نارازىلىقىمىزنى ھۆكۈمەت دائىرلارىغا ئاشكارا ئىپادە قىلغان بولساق، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتچى، بيوكرات دوستلارغا ھەم نارازىلىقىمىزنى ۋاقتىدا يەتكۈزدۇق. مۇشۇنداق پەيتتە، بۇ لاگىر دەرتمەنلەرىنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتىنى قوللاپ ھۆكۈمەت ساقچىسىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى ئاشكارا ئەيىپلەشى كەرەك بولغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ دەۋلەتتەكى مائاشلىق دىپلومالىقلارنىڭ كۆپىنچەسى بۇرۇنقىدەكلا شۇك تۇردى، كارى بولمادى؛ بەزى چوڭ دەرنەكچىلەرمۇ كۆرمەسكە، بىلمەسكە سالدى. ھەتتا بەزىلەر بۇ ياشلارغا «مۇبالىغە قىلىۋەتتىڭلار...» دەپ كۆڭلىنى غەش قىلىشتى. ئۇيغۇر خەلقىدىن كەلگەن ھەرخىل شىكايەت ۋە نارازىلىقلاردىن كەيىن ئۇيغۇرچە بىر چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋاتسئاپ توپلارىغا يوللانغانلىقى مەلۇم. لاكىن تۈركچە ئىتىراز، ئىنكاسنىڭ تاراتقۇلاردا دەل ۋاقتىدا تارقاتىلماغانلىقى كىشىنى تەخىمۇ ئويغا سالادۇر.

بۇ ھادىسەدىن كەيىن، ئەنقەرەدە بىر ئاخبارات ئىلان قىلىش پائالىيەتى قىلىشنى بىرلىكتە قارار قىلدۇق. يەتتە كىشىلىك تەرتىپ ھەيئەتى نامىدىن ئەنقەرە ۋالىلىقىغا بىر ئىلتىماس بەرىلدى. ئەسلىدە تۈركىيە قانۇنىدا بۇنداق بىر ئىلتىماس بەرىشنىڭمۇ زۆرۈرىيەتى يوقلۇقىنى ئادۇۋكاتىمىز بىزگە دەگەن بولسامۇ، لاگىر دەرتمەنلەرىدىن بەزىلەرنىڭ تەخىچە خىتتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئاق پارتى ھۆكۈمەتىنىڭ بەزىدە قانۇن تونۇمايدىغان، خۇسۇسەن خىتتاينى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن بىزنى خاپا قىلالايدىغانلىقىدەك رىئاللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشنى پۇختا قىلىش مەقسەتىدە ئىلتىماس 01-سىنتەبىردە ۋالىلىككە بەرىلدى. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئاراسىدا ئىسمىم ئەڭ باشتا بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كەرەك، ئەنقەرە ساقچى ئىدارەسى ئىلتىماس تاپشۇرۇلۇپ ئۈچۈنجى كۈنىدىن ئىتىبارەن تېلېفون قىلغالى تۇردى. «قانچە كىشى قاتناشىدۇ؟ كىملەرنى تەكلىپ قىلدىڭلار؟ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەردىن قانچە كىشى كەلمەكچى؟ سىز تۋىتتىردا « بىزنى قوللايدىغان ھەر كىمنى كۈتىمىز دەپسىز»... مەن، لاگىر دەرتمەنلەرىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 كىشىنىڭ قاتناشىدىغانلىقىنى، قانچەلىك يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىزنى قوللاپ كەلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى، ھۈكۇمەتنىڭ مەۋجۇت خىتتاي پوزىتسىيەسى ۋە خىتتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەنقەرەدەكى يامراشىنىڭ تىزلىكى تۈپەيلى ئانچە كۆپ يەرلىكلەرنىڭ كەلمەسلىكى ئىھتىماللىقىنى تەكرار تەكرار بايان قىلدىم. ھىچقانداق شەرقىي تۈركىستان دەرنەك، تەشكىلاتلارىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشماغانلىقىنى، ئۇلاردىن ھىچكىمنىڭ بۇ پائالىيەت توغرالىق بىزلەرنى ئىزدەمەگەنلىكىنى دەدىم. 06-سىنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە يەنە ساقچى ئىدارەسىدىن تېلېفونلار كەلدى، بۇ پائالىيەتنى قىلماسلىقىمىز ھەققىدە سىلىق باسىم/بېسىم قىلدى. كەيىن مەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ مەسئۇللارى ۋە باشقا چوڭلار ئىزدىگىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ دەيىشىچە، باشقا مەلۇماتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىكلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكى سەۋەپلىك بۇ پائالىيەتنى قىلماسلىقىمىزنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلتىماس بەرگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى قايتۇرىۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. مەن، «ئەگەر دەۋلەت باشقاچە خەۋەر ئالغان ۋە قىلىنىشىنى ئۇيغۇن كۆرمەگەن بولسا، «ئۇيغۇن كۆرۈلمەدى» دەپ قارار بەرسە بىز قىلمايمىز. دەۋلەتنىڭ قارارلارىغا تامامەن ھۈرمەت قىلىمىز، لاكىن بىزدىن «ئىلتىماسنى قايتۇۇرۇپ ئالىڭلار» دىمەڭلار دەدىم. 06-سىنتەبىر ئىستانبۇلدىن كەلىدىغان 11 كىشىلىك لاگىر دەرتمەنلەرى يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا، مەن مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ تەلەبىنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم. ئۇلارنىڭ ئادۇۋكاتىمۇ، قانۇنىي جەھەتتىن بىر توسقۇنلۇق يوق، بۇ سائەتكىچە ۋالىلىيلىق بىزگە يازما مۇسبەت ۋەيا مەنفى ئۇقتۇرۇش قىلمادى. قانۇن بۇ ئاخبارات ئىلان قىلىشقا توسالغۇ ئەمەس دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققاندا، ئىستانبۇل ساقچى دائىرلەرى، ئۇلارنىڭ سائەت نەچچەدە، قانداق پلاكالىق ماشىنادا يولغا چىققانلىقىنى سوراپتۇ. چۈشتىن كەيىن بولغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان، ھەقسىز ئادۇۋكاتلىقىنى قىلىپ بەرىۋاتقان پروف، ئىلياس دوغان ئەپەندىم بىلەن بىللە كەلدىغانلار تۇرادىغان تۇرالغۇ مەسىلەسىنى ۋە ئاقشام تاماقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشتۇق. تۇرالغۇ مەسىلەسىنى ۋە تاماق ئىھتىياچلارىنى ھەل قىلىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ كەلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق. بۇ ئەسنادا ئىلياس مۇئەللىم ماڭا، «ساقچىلار ساڭا تېلېفون قىلىپ ئۇچرىشالماي ماڭا تېلېفون قىلدى. ئۇلارنىڭ دەيىشىچە ئىستانبۇلدىن 3 ئاپتاۋۇز ئۇيغۇر يولغا چىققانمىش، شۇڭا قاتتىق تەدبىر ئالماقچىكەن...» مەن ھاڭ تاڭ قالدىم. ئۈچ كىچىك ماشىنادا جەمئىي 11 كىشى كەلىدىغانلىقىدىن ساقچىلارنىڭمۇ خەۋەرى بار ئىدىغۇ دەدىم. ئىلياس مۇئەللىممۇ، ساقچىلارغا ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى لاكىن ئۇلارغا باشقاچە مەلۇمات كەلگەنلىكىنى دەدى ۋە «ئابدۇررەشىد قارىنداشىم، قاراغاندا بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە بىر ئىش باردەك» دەدى. مەنمۇ، نەمە ئۈچۈن باشلىقىمنىڭ ۋە يۇقارى دەرەجەلىك بيوكراتلارنىڭ، ھەتتا مىنىستىرنىڭ بىۋاسىتە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئارقاسىداكى مۇددىئانى بىراز چۈشەنگەندەك قىلدىم. ئەمما بۇ خاتا مەلۇماتنى ساقچىغا كىم بەرگەندۇ؟ سۇئالى مەنى بىئارام قىلدى.

دەل مۇشۇ پەيتتە، لاگىر دەرتمەنى مىرزا ئەخمەد تېلېفون قىلدى: «ساقچىلار بىزنى توساپ ئىستانبۇلغا قايتتۇرىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، مۇئامىلەسى بەك قوپال...». ئىلياس مۇئەللىم ۋە باشقا ئىككى ئوقۇغۇچۇم، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشماسىنىڭ موھىم بىر خادىمى بولۇپ بەش كىشى تىز سۈرئەتتە ئىستانبۇل-ئەنقەرە يولىنىڭ ئەنقەرە كىرىشىدىكى پۇل تۆلەش پونكىتىگە بارغانىمىزدا، كۆرگەن مەنزىرە ئالدىدا ھاڭ تاڭ قالدىم. قاتناش ئاساسەن ئاستىن-ئۈستۈن بولغان، ئەللىككە ياقىن ساقچى ۋە قىيا چىيا بار ئىدى. بۇ يەردە تەپسىلاتقا كىرمەستىن ساقچى باشلىقى بىلەن بولۇنغان مۇنۇ دىئالوگقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەتىنى تارتقۇم بار: ئەنقەرە ساقچى ئىدارەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان بىرى بىزلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفىسسور ئىكەنلىكىمىزنى، خۇسۇسەن مەنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ۋالىلىككە ئىلتىماس بەرگەن كىشىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىمنى، نەچچە كۈندىن بەرى تېلېفوندا كۆرۈشۈلگەن كىشى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كەيىن بىز سوراغان «بۇ مەزلۇم ۋە مەدەنى ياشلارغا بۇ قەدەر كۆپ ساقچى كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ، قوپال مۇئامىلەنىڭ زۆرۈرىيەتى بارمۇ ئىدى» سۇئالىمىزغا  بەرگەن جاۋابى بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ مۇئەييەن دەرەجەدە يوللۇق ئىكەنلىكىنى تەستىقلانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى كۈندىن بەرى كاللامنى پىرقىراتقان «نەمە ئۈچۈن» سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندەك بولدى. ئۇنىڭ جاۋابى ئەينەن مۇنداق ئىدى: «بىزنىڭ يۇقارىغا ئۈچ ئاپتوۋۇز بىلەن ئەنقەەرەگە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلىدىغانلىقى، ئەنقەرەدە قالايمىقانچىلىق چىقارىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقى، سەيىت تۈمتۈركنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن»...

ساقچىلار، بىزگە ئەنقەرە ۋالىلىكىنىڭ  8- سىنتەبىردە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشىش ئۈچۈن ئەنقەرە سىرتىدىن كەلگەن كىشىلەرنى ئەنقەرەگە كىرگۈزمەسلىك ھەققىدەكى ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسەتتى. ئىستانبۇلدىن كەلگەنلەر ساقچىلار تەرەپىدىن يالاپ ئىستانبۇلغاچە قايتتۇرۇلدى. 7- سىنتەبىردە مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ ماڭا قاراتقان باسىمى ئازايمادى. ئىلتىماسنى قايتۇرۇپ ئالىشىم ئۆتۈنۈلدى، ھەتتا سىپايە بىر شەكىلدە ئىما ئىشارەتلەر قىلىنىلدى. مەن ۋە باشقا ئىلتىماس بەرگەن يەتتە شەرقىي تۈركىستانلىق، ئىلتىماسىمىزنى قايتتۇرۇپ ئالمايدىغانلىقىمىزنى، ۋالىلىك بەرگۈسى ھەرقانداق قارارغا ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى مۇناسىۋەتلىكلەرگە يەتكۈزدۇق. نورمالدا، ۋالىلىك ئەڭ كەچىككەندە، پائالىيەتتىن بىر كۈن بۇرۇن جاۋاپ بەرىشى لازىم ئىكەن، ئۇلار 8- سىنتەبىر ئەتىگەندە بىزگە رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى يەنى «ۋىرۇس تۈپەيلى مۇۋاپىق كۆرمەگەنلىكى»نى رەسمىي يازما شەكىلدە بىزگە يەتكۈزدى. تۋىتتىردىن جامائەتچىلىككە بۇ پائالىيەتنى ۋالىلىك ئۇيغۇن كۆرمەگەچكە 8-سىنتەبىر  سائەت 16:00 دا قىلالمايدىغانلىقىمىزنى، ھازىرچە پەقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىلا داۋام قىلىدىغانلىقىمىزنى بايان قىلىپ مەن ۋە باشقا لاگىر دەرتمەنلەرى تۋىتتىردا ۋىديولۇق بايانات ئىلان قىلدۇق. كەيىنچە ئۇقسام، شۇ كۈنى بىز ئاخبارات ئىلان قىلماقچى بولغان يەرگە كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ كەلگەنلىكى، رۇخسەت قىلىنماغانلىقىدىن بىخەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتاتۈرك ھەيكەلىنىڭ يانىداكى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ «رۇخسەت بەرىلمەدى، كەتىڭلار»دەپ قايتتۇرىۋەتكەنمىش.

بۇ جەرىيانداكى ساقچىلارنىڭ ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كەلگەنلەرگە ۋە بىز ئەنقەرەدىن چىققانلارغا قاراتا قوپال پوزىتسىيەسى ۋە ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتىنىڭ بۇ كىچىككىنە بىر يىغىنغا رۇخسەت قىلماسلىق ئۈچۈن ماڭا مەكتەپ مۇدىرىم ۋە باشقا قاناللار ئارقالىق قىلغان باسىملارى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىلياس مۇئەللىم ۋە باشقالارىمىزنىڭ تۋىتتىر ھىسابىدىن تارقاتىلغاندىن كەيىن ئۇشبۇ پائالىيەتكە ھۈكۇمەتنىڭ رۇخسەت قىلماغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تۈرك خەلقى ۋە ئۆكتەچى پارتىيە مەنسۇپلارى ناھايەتى كۈچلۈك ئىنكاس قايتتۇردى. لاكىن مۇشۇنداق موھىم بىر پەيتتە، تونۇلغان ئۇيغۇر دەرنەكچىلەر ۋە مائاشلىق ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچەسى تۈركچە بىر تۋىتنىمۇ ئاتمادى.  پەقەتلا سەيىت تۈمتۈركنىڭ تۋىت ئاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، بۇ ھادىسەدىن كەيىن خىتتاينىڭ تۈركىيەدەكى سياسىي ۋاكالەتچىسى  ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ياشلار تەشكىلاتى بولغان تۈركىيە ياشلار بىرلىكى (TGB) مەن قاتارلىق 15 كىشىنىڭ رەسىمىنى ئوچۇق نىشان كۆرسەتىپ تۇرۇپ بىزلەرگە ھاقارەت ۋە تۆھمەت چاپلاپ تۋىت ئاتقاندا، ئون مىڭلارچە تۈرك خەلقى، سىياسەتچىسى بىزنى قوللاپ ئۇلارغا ھەددىنى بىلدۈردى. تۋىتتىر ھىسابى بولغان ئۇيغۇر دەرنەكچىلەردىن ھىچقانداق ئىنكاسنىڭ چىقماغانلىقى، پەقەتلا بىزنى ئەمەس، تۈرك جامائەتچىلىكىنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئايدىڭلىق گازەتى يەنە ھەققىمىزدە خەۋەر ئىشلەپ تۆھمەت چاپلاغاندا، مەن «تۈركىيەنىڭ ۋە TGBنىڭ ۋىجدانلىق، ئەقلىسەلىم ئىنسانلارىغا خىتاپ» تىماسىدا قىسقا بىر ۋىديو ئىلان قىلدىم. بۇ ۋىديو دەر ھال دىققەت تارتىپ كەڭ تارقالدى. نۇرغۇن ئوڭ قانات تۈرك مەدياسىدا مەسىلەمىز تەكرار كۈنتەرتىپكە كەلدى. ھەتتا مەخسۇس خەۋەرلەر يازىلدى. بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرچە مەديالاردا خەۋەر شەكلىدەمۇ بەرىلمەدى. ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ تەرەپبازلىقى، ئايىرىمچىلىقى ئايرىم توختىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر تىمادۇر.

لاگىر دەرتمەنلەرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلارى ۋە قىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى ۋىجدان ساھىپلەرىگە بىلىنىگلىك. ئەسلىدە بارلىق دەرنەك، تەشكىلات رەھبەرلەرى ۋە ئەزالارى باش بولۇپ گۇۋاھلىق بەرىشى كەرەك ئىدى. شۇنداقلار ھەرقايسى ئەللەردەكى دىپلومالىق زىيالىيلار ئەگەر ئۆز ياقىنلارى لاگىرلاردا بولماسىمۇ، لاگىرلارغا سولانغان شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي، دوستلارى، ياقىنلارى ئۈچۈن بەس بەستە گۇۋاھلىق بەرىپ خىتتايدىن ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشى كەرەك ئىدى. ئەپسۇس، «رەھبەرلەر» باشقا موھىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئەزالارىنىڭ كۆپىنچەسى بۇ ئىشقا ۋاقىت ئاجراتماغاندەك ياكى ئاكتىپلىق بىلەن بۇ ئىشقا قاتناشالماغان. كۆپ سانداكى دىپلومالالىقلار بولسا خۇدۈك ۋە دۈدۈكنىڭ كويىدا ئۆزىنى ئالداپ يۈرۈگلۈك. مەنىڭ ۋەيا ماڭا ئوخشاش كۆپسانلىقلارنىڭ كۈتۈشى: ئۇيغۇر، قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستان نامىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنىڭ تامامى ئۆز ئائىلەسى، ياقىنلارى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرىشى كەرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ ياقىنلارى لاگىرلارغا سولانماغان بولسا، بۇ ھەقتە ھەم ئاشكارا مەلۇمات بەرىشى لازىم. زىيالىيلار(دىنى ۋە پەننىي ئايرىمى بولماستىن)، دىپلومالىقلار، ئوقۇغۇچىلارمۇ دادىللىق بىلەن بۇ سەپكە ئاتلانىشى بەكلا زۆرۈردۇر. چۈنكى «قورقاقلىقنىڭ ئەجەلگە پايداسى يوقتۇر».

بۇ ھادىسەلەردىن كەيىن مەن ۋەيا بىزلەر شۇنى ئۇقتۇق: تۈركىيەدەكى خىتتاي لوبىچىلىكى ۋە خىتتاي ۋەھىمەسى ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتىدە بىز ئويلاغاندىنمۇ چوڭ ئىكەن. شۇنداقلا ھۈكۇمەتنىڭ كىچىك ئورتاقى بولغان بىر زامانلارنىڭ تۈرك مىللەتچىسى، خىتتاي دۈشمەنى مىللەتچى ھەرەكەت پارتىيەسىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىدە ئاق پارتىيەدىن پەرقسىز ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇپ قالىش بىلەن بىرگە بىرسىنىڭ ئىسلامچىلىقتا يەنە بىرسىنىڭ تۈركچىلىكىتە نە قەدەر رىياكارلىقى بىلىندى. بۇ ھۈكۇمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئىنسانىي ۋە تىنچلىقپەرۋەر نارازىلىق بىلدۈرۈش، جانلىق گۇۋاھلىق بەرىش ھەرىكەتىنىمۇ توساشقا ئۇرۇنۇشى، ئەسلىدە بۇ دەۋلەتتە بار بولغان دىموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ئەقەللىي قانۇنىي ھەقلەرنىڭ ھاكىمىيەتتەكىلەرنىڭ سىياسىي قايغۇلارى تەرەپىدىن تۇنجۇقتۇرۇلىۋىتەلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولدى. بۇ رىئاللىق بىزگە، غەرپ بىلەن ئاپاق-چاپاق تۈركىيە بىلەن شەرق دىكتاتورلارى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولغان تۈركىيەنىڭ روشەن پەرقىنى ھەم بىۋاسىتە تەجىرىبە قىلدۇردى. شۇنداقلا، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تارقاق، پارچالانغان دەرنەكچىلىك ۋە سىياسىي ھەرەكەتلەرىنىڭ مىللىي غايەگە كۈتۈلگەن پايدا ئورنىغا، بەزىدە كۆرۈنەرلىك زىيان سالماقتا ئىكەنلىكىنىمۇ بىۋاسىتە كۆرسەتتى. يەنى شەخسلەرنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك تاللاشلارى ۋە خۇي مىجەزىنىڭ مىللىي غايە ۋە مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە چىقالالايدىغانلىقىنى بىۋاستە كۆردۇق.

ئاشكارا مەخپىيەتكە ئايلانغان رىئاللىقىمىز: بىر تەرەپتە ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتى مۇھاتاپ قوبۇل قىلغان ھىدايەت ئوغۇزخان باشچىلىقىداكى قويۇق ئىسلامچى ئىدىئولوگىيەدەكى مائارىپ دەرنەكى ۋە تارماقلارى؛ يەنە بىر تەرەپتە كۈنىمىزدە ھۈكۇمەت تەرەپىدىن يەكلەنگەن سابىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايى مۇئاۋىنى سەيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىداكى شەرقىي تۈركىستان مىللى مەجلىسى تەرەپدارلارى؛ يەنە باشقا بىر تەرەپتە پارچالانغان بىر بىرىدىن مۇستەقىل پەقەت تەسىرسىز سۈرگۈن ھۈكۇمەتلەر ۋە دەرنەكلەرى؛ بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدە ئۆزلۈكىدىن پاسسىپلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايى دەرنەكلەرى ۋە تەرەپدارلارى؛ بۇلارنىڭ ھىچبىرى بىلەن ئورگانىك باغى بولماغان مۇستەقىل زىيالى، ئۆلىما ۋە ھەر ساھە زاتلارى...بۇ پارچانغانلىق رىئاللىقى ئەمەلىيەتتە ئاق پارتىيە ھۈكۇمەتىنىڭ خىتتاي بىلەن راھەت، ئازادە ئىش قىلىشىغا تاپىلماس پۇرسەت ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن ۋە تۈزۈملەر دائىرەسىدە بىرلىك بولۇپ ھۈكۇمەتكە بېسىم پەيدا قىلىش، كۈچلۈك جامائەت ئەفكارى توپلاش ئىھتىماللىقىنىمۇ ھازىرچە يوققا چىقارالاغان.

خۇلاسە قىلغاندا، باشقا يازمالارىمىزدا ئىزچىل تەكىتلەگەن ئۈست بىرلىك تەشەببۇسىمىزنىڭ موھىملىقىنى يەنە تەكىتلەشكە مەجبۇرمىز: دىئاسپوراداكى ھەر ساھە، ھەر تەبىقەدەكى كۈچلەر بىرلەشكەن، ئورتاق غايە ئۈچۈن ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەرەكەت قىلىدىغان، تۈزۈملەشكەن، قانۇنىيلاشقان، كەسپىيلەشكەن، دىموكراتلاشقان، خەلققە ۋە قانۇنغا ھىساپ بەرەلەيدىغان، سۈزۈك دەرنەكچىلىك ۋە تەشكىلاتچىلىقنى بەرپا قىلىش بەكلا زۆرۈر بولماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا، دەرنەك مونوپوللۇقى، تەشكىلات باقىۋەندەچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىش بىلەن بىرگە سادىر بولىۋاتقان ھەرخىل چىرىكلىك، قاتماللىق، تەرەپبازلىق، تار ئىدىئولوگىيەلىك قىسىر بۆلگۈنچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالماق مۈمكۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، دىئاسپوراداكى ھەر ساھەنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ،كۈچنى خىتتاي فاشىزمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق ئەقىل بىلەن ئورتاق ئەقىدەگە تەخىمۇ كۈچلۈك بىرلىك ۋە قۇۋۋەتتە خىزمەت قىلدۇرماق مۈمكۈن بولغۇسىدۇر.  بۇ ئەمەلىيەتتە، ۋەتەندە ئىڭراۋاتقان مىليونلارنىڭ نىداسى، شەكىللەنگەن ۋە شەكىللەنىپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.

2020-09-19

قوشۇمچە مەلۇماتلار:

 

ankara_girisi_engel_yeni_cag

08.09.2020  Berkay BİGEÇ/YENİÇAĞ 

vali_izin_vermedi_acikla

Bekir Şirin, Milli Gazete,  08 Eyl 2020

haber_md

Milli Devtlet, Özel Haberler, 17/9/2020

karluktan_tgbye

Kırım Haber Ajansı - QHA,  10 Eylül 2020 

Türkiye'nin @tcbestepe ve TGB'nin @genclikbirligi akliselim düşünen insanlarına sesleniyorum (1). 

Türkiye'nin @tcbestepe ve TGB'nin @genclikbirligi akliselim düşünen insanlarına sesleniyorum (2).

 

 

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟